ئويلىنىش

Think Of Weblog
22 9ئاي, 2008

WordPress2.6 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : WordPress- خەتكۈچ :,

WordPress2.6 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى
ئەسسالام تورداشلار ، WordPress بولسا php,mysql دا خىزمەت قىلىدىغان مۇكەممەل بىلوگ سېستىمىسى ، شۇنداقلا ئەسلى كودى ھەقسىز تارقىتىلغان . WordPress دۇنيادا كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بۇلۇپ ،بىلوگىرلار ئارىسىدا كۆپ ئۇمۇملاشقان. شۇڭا بۇقېتىم 2.6 نەشىرىنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتۇق . (ۋاختىنچە تىل بولىقىلا تەمنىلەندى، تەپسىلى كودلاپ چىقىپ ئاندىن تارقىتاي دىسەم WordPress نىڭ ھازىرقى نەشىرى 2.6.2 گە بېرىپ بوپتۇ، شۇڭا ھازىرچە 2.6 نىڭ تىل بولىقى تارقىتىلدى.)

قاچىلاش ئۇسۇلى: تىل بولىقىنى http://www.yourdomain.com/wp-content/ مۇشۇ مۇندەرىجىنىڭ ئاستىغا languages دىگەن بىر مۇندەرىجە قۇرۇپ تىل بولىقى ئىچىدىكى ug.po, ug.mo, ug,php دىن ئىبارەت ئۈچ ھۆججەتنى يوللايسىز.
ئاندىن wp-config-sample.php نى ئېچىپ

define ('WPLANG', '');

دىگەن جاينى تېپىپ

define ('WPLANG', 'ug');

غا ئۆزگەرتىسىز.
ئاندىن قاچىلاشنى باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.

ئۇيغۇرچىغا توغرىلاش ئۇسۇلى: css ئارقىلىق تەڭشىىلىدۇ.

wp-admin/ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى wp-admin.css ، rtl.css نىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى كىرگۈزۈڭ، يەنە مۇشۇ مۇندەرىجە ئاستىدىكى css مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى بارلىق خەت نۇسخا توغرىلايدىغان css لارغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسىخسى كىرگۈزۈڭ.
يۇقىرقىلار باشقۇرۇش بېتىنىڭ خەت نۇسخىسىنى توغرىلايدۇ. ئالدى بەتنى توغرىلاش ئۈچۈن wp-content/themes/ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ سىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇسلۇپ ئىچىدىكى style.css قا ئۇيغۇرچە فونىت قوشسىڭىز بۇلىدۇ. دىققەت , سىز خەت ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى توغرىلىغان css لارغا eot ئېسىشنى ئۇنۇتماڭ.

تىل بولىقىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

WordPress2.6 نى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ تىل بولىقى 2.6.2 نەشىرىگە قۇيۇپ ئىشلەتسىڭىز مۇ بۇلىدۇ.

مەسىلە بولسا www.oylinix.cn غا كىرىپ ئوتتۇرغا قۇيۇڭ ، تەرجىمە گۇرۇپىمىزغا ئەزا بولماقچى بولسىڭىز 23993704 بۇ كىيۇ كىيۇ توپىنى قوشۇڭ.
بىر مەسىلىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، تىل بولىقىنى چۈشۈرگەندە WordPress2.6_ug.js دىگەن ئىسىمنى WordPress2.6_ug.rar غا ئۆزگەرتىڭ.
___________________________________________

پىكىر تەلەپ بولسا بۇ خاتىرە ئاستىغا ئىنكاس يېزىڭ.

19 9ئاي, 2008

بۇرۇن ئويلاپ باققانمۇ؟

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : فىزىكا- خەتكۈچ :

ئەسكەرتىش : بۇ تىما ھارۇن يەھيانىڭ «بۇ ھەقىقەتنى ئويلاپ باققانمۇ؟ (ever thought about the truth) ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن خاتالىق ۋە ئېنقسىزلىقلاردىن خالى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا توغرا چۈشىنىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇقۇرىدىكى كىتاب ماڭا چۇڭقۇر تەسر قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بىر بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىدىم. سەۋرىچانلىق بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن تەركىب تاپقان دۇنيا
«سىرىتقى دۇنيا»دەپ ھىس قىلغانلىرىمىز ئەمىليەتتە بىر يۈرۈش ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت.قېنى تۆۋەندىكى مىسالغا دىققەت قىلايلى. «بىز قانداق كۆرىمىز؟»دېگەن سۇئالغا دائىم «كۆزىمىزبىلەن،ئەلۋەتتە.»دەپ جاۋاپ بىرىمىز.لىكىن بۇسۇئالنىڭ جاۋابى بۇنداق ئاددى ئەمەس.
فوتونلار بىرقانچە باسقۇچلۇق جەرياندىن كىيىن كۆزىمىزگە كىرىدۇ. ئۇلار ئېلىكتىر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرلىدۇ ھەم بۇ ھالەتتە مېڭىمىزگە يىتىپ بارىدۇ. يەنى مېڭىمىزگە يىتىپ بارغىنى بىز ھىس قىلغان شەيئىدىن چىققان فوتونلار بولماستىن بەلكى بىز كۆز دەپ ئاتايدىغان كۆرۈش ئەزايىمىزدا فوتونلارتەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىنكاس- ئېلىكتىر سېگناللىرىدىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېڭىمىزدىكى كۆرۈش مەركىزى ئەسلىدىكى نۇرنى بىر تەرەپ قىلماستىن بەلكى ئەسىلىدىكى نۇرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.بىز « مەن بۇ نەرسىنى كۆرىۋاتىمەن» دىگىنىمىزدە ،ئەمىلىيەتتە بىز ئۇ نەرسىنى كۆرمەيمىز. بىزنىڭ كۆرگىنىمىز مىڭىمىزدىكى ئۇ نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت. پەقەت بىر نەچچە كۋادىرات سانتىمىتىر كىلىدىغان كۆرۈش مەركىزىمىزدە پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە شەيئىنى كۆرىمىز . تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

9 9ئاي, 2008

ماككايىننىڭ نۇتۇقى (ئۇيغۇرچە قالتىس نۇتۇق)

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : ئويلىنىڭ, تاللانما, جاھاننامە, خەۋەرلەر- خەتكۈچ :,

ماككايننىڭ نۇتۇقى
جۇمھۇرىيەتچلەر پارتىيسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پىرىزدىنىتلىق نامزات كۆرستىش يىغىلىشى
Uyghur Version Of -John McCain - Acceptance Speech Republican National Convention 09/04/08
Translated by Tahir Imin
ئنگىلىزچە تىكىست ئادىرسى:
http://www.politico.com/
news/stories/0908/13179.html
سىن لىنتىسنى كۆرۇش ئادىرسى:
http://www.youtube.com/watch?v=ZTaN37Lqa4U&feature=related

2008-يىلى 4-سىنتەبىر سۆزلەنگەن.5-سىنتەبىر ئىلان قىلىنغان 6-سىنتەبىر ئۇيغۇرچىسى تەرجىمە قىلىنىپ ،ئىلان قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچىدىن سۆز:
ئامرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيەسى پىرىزدىنت نامزاتى كۆرستىش يىغىلىشى 4-سىنتەبىر يىپلىدى.نامزات جون ماككايىننڭ نامزاتلىق قوبۇل قىلىش نۇتۇقى –ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىن پەرقلىق ھالدا نۇرغۇن بىتەرەپ ۋە ۋزا كەچكۇچىلەرنى ئۆزىگە قايتا جەلىپ قىلدى.
كۇچلۇك ۋەتەنپەرۋەر،قاتتىق قول،مەسئۇلىيەتچان ۋە جاھىل دەپ تەرىپلەنگەن جون ماككايىن جورجى بۇش پەيدا قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پاسسپ شارائىتى ۋە يامان تەسىرىگە دۇچ كەلگەن مۇھىتتا ئۆزىنڭ ئۇتۇق نۇقتىسنى نەدىن تاپىدۇ دىگەن تىما نويابىرغىچە بولىدىغان سايلامغا ھەمرا ئاخبارات ساھەسىنڭ قىززىق نۇقتىسى.
ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ كۆرۇپ مۇھاكىمە قىلىشغا ،خاتىرە قىلىۋىلىشغا ،سىلىشتۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۇچۇن مەزكۇر نۇتۇقنى دۇنيادىكى باشقا تەرجىمە تەرجىمە قىلىنغان يۇزلىگەن باشقا دۆلەت تىللىرىگە قارىغاندا ناھايتى تىز پۇتتۇرۇپ سۇندۇق.ئەگەر ھوزۇرلانغان بولسىڭىز،خەلقىمىزنىڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقى ،ئامان –ئسەنلىكى ئۇچۇن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!

جون ماككايىن:
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت،بۇگۇن كەچ ماڭا پەقەت ئاز ساندىكى ئامرىكا پۇقرالىرىغا نىسپ بولىدىغان بىر ئىمتىياز نىسپ بولدى-ئۇ بولسىمۇ پارتىيمىزنىڭ ئامرىكا قوشما شىتاتلىرى پىرىزدىنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىش-مەن بۇ ئىمتىيازنى خۇشاللىق،كەمتەرلىك ۋە ئشەنچ بىلەن قوبۇل قىلىمەن.
مىنڭ ھاياتىمدىكى ھىچقانداق مۇۋەپپەقىيەت جاپالىق كۆرەش قىلماي تۇرۇپ كەلگەن ئەمەس.مانامۇشۇ نامزاتلىققا ئىرىزششمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.بۇ ئەلۋەتتە ماڭا قارشى نامزاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنڭ تۆھپىسى. ،ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇ ۋەتىنىمىزنى سۆيىدىغان ،ئۇنى تىخىمۇ ياخشى كەلگۇسىگە يىتەكلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئنتايىن قابىلىيەتلىك رەھبەرلەردۇر. تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

6 9ئاي, 2008

ئويلىنىپ بېقىڭ!

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : ئويلىنىڭ- خەتكۈچ :

بۇئېنىشتىيىن ئوتتۇرىغا قويغان سۇئال بۇلۇپ ، ئۇ پۈتۈن يەر شارىدىكى %98 ئادەم جاۋاب بېرەلمەيدۇ دېگەن ، قېنى سىز ئاشۇ جاۋاب بېرەلەيدىغان ئىككى پىرسەنت ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرەلەمسىز يوق ؟ سىناپ باقامسىز ؟

شەرت:
1 .بەش ئۆي بار ، بەش خىل رەڭلىك .
2. ھەربىر ئۆيدە تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ئوخشىمايدۇ .
3. ھەربىر ئۆيدىكى ئادەم پەقەت بىرلاخىل تاماكا چىكىدۇ ، بىرلا خىل ئىچىملىك ئىچىملىك ئىچىدۇ ، بىرلا خىل خىل ئەرمەك ھايۋان باقىدۇ .
4. ھەممىسىنىڭ تاماكىسى ، ئىچىملىكى ، ئەرمەك ھايۋىنى ئوخشىمايدۇ .

كۆرسەتمە:

1. ئەنگىلىيىلىك قىزىل رەڭلىك ئۆيدە تۇرىدۇ
2. گىرىتسىيىلىك بىر ئىت باقىدۇ .
3. جوڭگۇلۇق چاي ئىچىدۇ .
4. يېشىل رەڭلىك ئۆي ئاق رەڭلىك ئۆينىڭ سول تەرىپىدە .
5. يېشىل رەڭلىك ئۆيدىكى كىشى قەھۋە ئىچىدۇ
6.تاماكىسى چىكىدىغان ئادەم بىر قۇش باقىدۇ .
7. سېرىق رەڭلىك ئۆيدىكى ئادەم DUNHILL تاماكىسى چىكىدۇ .
8. ئوتتۇرىدىكى ئۆيدىكى ئادەم سۈت ئىچىدۇ .
9. تۈركىيەلىك بىرىنچى ئۆيدە تۇرىدۇ .
10. ئارىلاش تاماكا چىكىدىغان ئادەم مۈشۈك باقىدىغان ئادەمنىڭ قېشىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ .
11. ئات باقىدىغان ئادەم DUNHILL تاماكىسى چىكىدىغان ئادەمنىڭ قېشىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ .
12. BLUE MASTER تاماكىسى چىكىدىغان ئادەم پىۋا ئىچىدۇ .
13. گىرمانىيىلىك PRINCE تاماكىسى چىكىدۇ .
14. تۈركىيەلىك يېشىل ئۆينىڭ قېشىدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ .
15. ئارىلاش تاماكا چىكىدىغان ئادەمنىڭ خوشنىسى ساپ سۇ ئىچىدۇ .

سۇئال :كىم بېلىق باقىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ؟ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز ؟

4 9ئاي, 2008

google نىڭ Chrome تور كۆرگۈچى ئىلان قىلىندى

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : جاھاننامە, خەۋەرلەر- خەتكۈچ :

GOOGLE ئىزچىل تۈردە fire fox نى قوللاپ كەلگەن ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە ئۈزى تور كۆرگۈچ ياساپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى.
Chrome نى چۈشۈرۈش سانى 200،000 قېتىمدىن ئېشىپ ھازىرمۇ شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە.

چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ئانا تور بېتى : http://www.google.com/chrome/

2009- يىللىق كالىندار

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تاللانما, ھەقسىزلەر- خەتكۈچ :,

ماكانىم تور بېتىدە تارقىتىپتىكەن ، بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم.

تۇلۇق ھۆججىتىنى بۇيەردىن چۈشۈرڭ. kalindar.jpg چوڭلۇقى : 8.11 mb

تۇغلۇق تۆمۇرخان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تارىخ- خەتكۈچ :

تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 6- نەۋرىسى بولۇپ ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن بابۇر تۇغلۇق تۇمۇرخاننى ئەسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى دەپ يېزىپتۇ .مىلادى 1310- يىللىرى ئەسەن بۇقاخان چاغاتاي خانى بولغان ئىكەن. ئەسەن بۇقا خاننىنىڭ ئەركە خانىشى ساتمىش خاتۇن تۇغماس بولۇپ، ئەسەن بۇقانىڭ مەڭلىك ئىسىملىك ئايالى ھامىلىدار بولۇپ قالغاندا ساتمىش خوتۇن كۈندەشلىك قىلىپ ، خاننىڭ يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى باشقا بىرسىگە خوتۇنلۇققا بېرىۋېتىپتۇ. يىلى ئەسان بۇقا ۋاپات بولغان چاغدا چاغتاي ئولۇسدىكى موڭغۇل قەبىلىسى خانسىز قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق كۇپۇيۇشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئەمىر پولاتچى خان ئەۋلادىدىن بىر كىشىنى تېپىپ ئۇنى تەخىتكە چىقىرىپ، دۆلەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلاپتۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن مەڭلىك خوتۇننى ۋە ئۇنىڭ خاندىن بولغا پەرزەنتىنى ئىزلەپ تاشتۆمۈر دېگەن ئادەمگە جىكىپتۇ. ئەگەر بالا ئوغۇل بالسا، ئۇنى بىر ئامال قىلىپ ئەلىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ. تاشتومۇر سۈرۈشتە قىلسا، ئەسان بۇقانىڭ مەڭلىكتىن تۇغۇلغان بالىسى ئوغۇل بۇلۇپ، ئىسمىنىڭ توغلۇق تۆمۈر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپتۇ. ئۇ ھەر خىل ئۇسسۇللار بىلەن بالىنى قولغا چۇشۇرۇپ، مۇز ئارت داۋىنى ئارقىلىق ئاقسۇدىكى ئەمىر پولاتچىنىڭ يېنىغا ئەلىپ كەپتۇ. بۇ چاغفا تۇغلۇق تومۇر 16 ياشقا كىرگەن ئىكەن.ئۇ 18 يېشىدا خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ چاغدا خانزادە شىكارغا چىقسا ھەر قانداق يات ئادەمنىڭ شىكار رايونىغا كىرىشىگە يول قويمايدىكەن. شىكار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەسكەرەر كۆتەك شەھرىدىن بۇ يۇرتقا كىلىپ قالغان شەيخ جامىلىدىننى ئادەملىرى بىلەن تومۇرنىڭ ئالدىغا ئەلىپ كەپتۇ. شەيخ جاملىدىن ئۆزىنىڭ كۆتەك شەھرىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇ شەھەرنى خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن قۇم بېسىپ كەتكەنلىكىنى، پۇتۇن شەھەر ئالاھىلىسىنىڭ قۇم ئاستىدا قالغانلىقىنى بايان قىپتۇ. شۇ جەرياندا شەيخ جامالىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئىسلامنىڭ دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى كۆپلەپ تەشۋىق قىپتۇ. خان شەيخ جامالىدىندىن ئادەم قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىغاندا ئىتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ؟دەپ سوراپتۇ. شەيخ جامالىدىن ئىتىقاد دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن توغلۇق تۆمۈر ئۇنىڭغا مەن خان بولغاندا ھەم ئالى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا مىنىڭ قېشىمغا كەلگىن، مەن مۇسۇلمان بولاي دەپ ۋەدە قىپتۇ. شەيخ تومۇر خان بىلەن كۇرۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ جان ئۇزۇش ئالدىدا ئوغلى مەۋلانى ئەرشىدىن تۇغلۇق تومۇرنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ ئۇنىڭ ۋەدىسىنى چۇقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ۋەسىيەت قىپتۇ. مەۋلانى ئەرشىدىن ۋەسىيەتكە ئاساسەن سوراپ-سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ توغلۇق تۇمۇرنىڭ چاغاتاي خانى بولغانلىقىنى، ھەم ئۇنىڭ ئالمىلىق شەھرىدە تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ شۇ يەرگە بېرىپتۇ تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

18 8ئاي, 2008

بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەشىق دەپتىرى

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تاللانما- خەتكۈچ :

تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

14 8ئاي, 2008

“قۇتادغۇبىلىك” نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى توغرىسىدا

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تارىخ- خەتكۈچ :

“قۇتادغۇبىلىك” نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى توغرىسىدا

نىشىۋاكى تاكېئو[ياپونىيە]
تەرجىمە قىلغۇچى: بارىجان زەپەر

“قۇتادغۇبىلىك” سىياسەت، دىن، پەلسەپە، ئىدېئولوگىيە، ئېتىكا، ماتىماتىكا، ئاسترونومىيە، ھەربىي ئىشلار، قانۇن، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق نۇرغۇن تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، ئۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۇرۈرۈپ بېرىدىغان بىر قامۇستۇر. شۇ سەۋەپتىن، كۆپلىگەن ئالىم، مۇتەخەسىسلەر “قۇتادغۇبىلىك” نىڭ بەدئىيلىكىنى ۋە تىلىنى تەتقىق قىلىشتىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ باشقا جەھەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە “قۇتادغۇبىلىك” نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىندى. ۋەھالەنكى، بەزى ئەسەرلەردە مۇئەللىپ نىمە سەۋەپتىن شۇنداق قۇرۇلما ۋە شەكىلنى قوللىنىپ “قۇتادغۇبىلىك” نى يازغان، دېگەنگە قارىتا تۇلۇق چۈشەنچە بېرەلمىدى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىشمۇ مۇھىم. چۈنكى ئەسەرنىڭ شەكلى بىلەن مەزمۇنى زىچ مۇناسىۋەتلىك.

تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

3 8ئاي, 2008

تۆمۈر خەلپە

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تارىخ- خەتكۈچ :

تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يىزىسىغا كۆچۈپ بىرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يىزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى .شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمىن سىرتىدا كىسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللنىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بىقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بىرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بىرىدۇ . زىرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئىزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىدىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
1907-يىلى قۇمۇل دىھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ .شۇڭا ،ئۇ ھەرقىتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : ”رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دىھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى ”دەيدۇ .
بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بىرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار ” بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ،بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس……… ” دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ . تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

31 7ئاي, 2008

سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : خاتىرەم
1 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ياۋايى ئەمما سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بەكلا نازاكەتلىك بولىدۇ، سىز ئۈچۈن كۆپ ياش تۆكىدۇ.

2 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، دائىم سىزگە تاماك چەكمەڭ دەپ جىكىلەپ تۇرىدۇ گەرچە ئۇ سىزنىڭ بۇ ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ زىرىكمەي - تىرىكمەي جىكىلەپ تۇرىدۇ.

3 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، ھەر دائىم سىزنىڭ نەدە نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلگۈسى كىلىپ تۇرىدۇ.

4 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، سىزنىڭ ئۆيگە كەچ قايتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، ئاندىن سىزگە توختىماي تېلفۇن قىلىدۇ تاكى تېلفۇنىڭىزنىڭ باتارىيىسى قالمىغۇچە.
5 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، سىزنىڭ مال - دۇنيا ئىقتىسادىڭىز بىلەن ھىسابلاشمايدۇ، ئەمما سىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن مال - دۇنيا ئىقتىسادىڭىزنى ئۇنىڭغا بىرىڭ.
6 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا قىزلارنى چىرايلىق دەپ ماختىشىڭىزنى خالىمايدۇ ، بەلكىم كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايدۇ، شۇڭا سىز قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق قىلماڭ.
7 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، بارلىق ئاماللارنى قىلىپ سىزگە ئەڭ ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى تەييارلايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەڭ ياخشى نەرسىللىرىدىن سىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالايدۇ.
8 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، سىز ئۇنى خاپا قىلىپ قويغان ۋاقىتتا ، ئۈن چىقارمايدۇ ، يۈزلىرى قىزىل ھالدا، سىزنىڭ ئۇنى ئەركلىتىشىڭىزنى ، گوللىشىڭىزنى ، بەزلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.
9 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، قەستەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ماجرا تۇرغدۇرغاندەك بولىۋالىدۇ دە ئەركىلەپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدۇ.

10 - سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز ، سىز ۋە قۇرداشلىرىڭىز ، دوستلىرىڭىز ئالدىدىكى ئابروي - ئىناۋىتڭىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

6 7ئاي, 2008

تور بېتىڭىزنىڭ ئەكسىچە ئۇلىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈڭ

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : جاھاننامە- خەتكۈچ :

تور ئارىلاۋېتپ تور بەتنىڭ google , yahoo, msn قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرى بىلەن بولغان ئەكسىچە ئۇلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلى تەكشۈرگىلى بۇلىدىغان بىر تور بەتنى بايقاپ قالدىم،،
تور بېتىمنى تەكشۈرۈپ باقسام بەك تەپسىلى سېللىشتۇرۇپ بىرىدىكەن تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

بىزدىكى كىرزىس ئېڭى[crisis]

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : جاھاننامە, خاتىرەم- خەتكۈچ :,

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ھەرقانداق ئادەم ئوتتۇرغا قويغان پىكىرنىڭ توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئۇ پەقەت تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلغان ۋە توپلىغان ماتىرياللىرىغىلا قارىتا ئېيتىلغانلاخالاس. تۆۋەندەمەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىسىدا ئازىراق توختالماقچى.
مەن كىرزىز ئېڭىنى ئويلىنىش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ بەزى ماتىماتىكا بىلىمى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئويلىنىپ كۆردۇم. نەتىجىدە بەزى ئالاھىدە جاۋابلارنى تاپقاندەك بولدۇم. مەن ئاۋۋال ئۇنى سۆزلەشتىن بۇرۇن سىزنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋىسىيە قىلىمەن. تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

28 6ئاي, 2008

ئېينىشتېيىننىڭ ئۆگىنىش ھاياتى ھەققىدە

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تاللانما, جاھاننامە, خاتىرەم- خەتكۈچ :,

بىلىم ئۆگىنىشتە يۈك زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتسە يۈزەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

— ئېينىشتېيىننىڭ ئۆگىنىش ھاياتى ھەققىدە

فرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى لانجىۋان مۇنداق دېگەنىدى: «ئېينىشتېيىن ئىلىم-پەن تارىخىدا ئەڭ پارلاق نۇر چاچتى»؛ جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۈ ۋېيگۇئاڭنىڭ قارىشىچە، تۆھپىسى بويىچە ئېيتقاندا ئېينىشتېيىن 5 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيتتى. ئۇنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتى، ئۆگىنىش، تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ توغرا، ئىلمىي، ئىلغار بولغانلىقنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئەمىسە، ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى قەيەردە؟ يۈك ئېغىر بولۇشى كېرەك، دېگەن مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى جەزمەن ئاش-تامىقىنىمۇ ئۇنتۇپ، جاپالىق ئۆگىنىدىغان بولۇشى، كىتاب دۆۋىسى ئىچىگە چۆكۈپ ھەر بىر دەرستە ئەلاچى، يىلمۇيىل مۇكاپاتنى قولدىن بەرمەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەجەبلىنەرلىكى بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئېينىشتېيىندە يوق ئىدى، ھېچبولمىغاندا ئۆز ئەسلىمىسىدە بۇنداق بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىمىگەن ئىدى. ئەكسىچە، ئېينىشتېيىننىڭ بىلىم تەھسىل قىلىش يولى ئوڭۇشسىز، ئەگرى-توقاي بولغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە، پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا مەكتەپ تەرەپ ئۇنى كارغا كەلمەيدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى بەرىبىر كەلگۈسىدە ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمايدۇ، دېگەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. زۇرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بەرگەندە، بىرىنچى قېتىمدا، تىل، بوتانىكا قاتارلىق بىرقانچە دەرستىكى نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىمتىھاندىن چۈشۈپ قالغان؛ ئىككىنچى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، پېداگوگىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغانىدى، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىدا ياخشى تەسىر قالدۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، دائىم بىللە يۈرىدىغان 4 ساۋاقداش ئىچىدە پەقەت ئېينىشتېيىنلا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنمىغان. تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

19 6ئاي, 2008

ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتى !

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : تارىخ, جاھاننامە- خەتكۈچ :

1914-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى.گېرمانىيە ،ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتى ۋە ئىتىىپاقداش دۆلەتلەر بۇلۇپ ئۇيۇشتى.ئەنگىلىيە،فرانسىيە،ۋە روسىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھىنى شەكىللەندۇردى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان روسىيىنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئانتانتا دۆلەتنىڭ مەقسىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى يەر شارىدىن يۇقۇتۇش ئىدى.
روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شاھزادە نىكولاي باشچىلىقىدىكى 200مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى 1914-يىلى قىشتا ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى 100مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنىنى يوقاتتى.ئارقىدىنلا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ ترابزون.ئەرزىنجان،مۇش ۋە تىبلىسنى ئىگەللەپ بۇ جايدىكى تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ،كاپكازدىن ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇرۇنلاشتۇردى تۇلۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش…

4 6ئاي, 2008

بۈگۈنگىلا ئىشىنىڭ

يازغۇچى: ئويلىنىش - تۈر : خاتىرەم

بۈگۈنگىلا ئىشىنىڭ
ئىنسان ‹ئۈچ›كە يۈزلەندى،
تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتە.
ئۆتتى،كەتتى تۈنۈگۈن،
ھۆددە قىلار كىم قېنى؟
ئالۋان سىياق ئەتىگە.
بۈگۈن ساڭا تەئەللۇق،
بۈگۈن ھېساب ھەممىگە.
قوي ئۆتمۈشنى ئەسلىمە،
قوي ئەتىنى رەنجىمە.
بۈگۈن ھېساب،بۈگۈن بار،
بۈگۈن لازىم تەڭرىگە.
ئالبىرت.ئېينىشتىيىن :‹ئەتىنى ئويلاپ كەتمەيمەن، ئۇ ھامىنى ناھايىتى تېزلا كىلىپ قالىدۇ› دېگەن. بۈگۈننىڭ ئىشىنى كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى قىلىش دەل ئەتە ئۈچۈن سېلىنغان پۇختا ئاساستۇر.
جورج.ماكدونالمۇ:‹ئەتىنىڭ ئىشلىرىنى بۈگۈننىڭ كارى- بارىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىۋېلىش ئادەمگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ› دېگەنىدى.
ھېنرى. خاسسىن. لاڭفېللوۋ بىر شېئىردا مۇنداق يازغانىدى:
ئىشەنمە ئەتىگە گۈزەل بولسىمۇ،
قايغۇرما ئۆتمۈشكە ئۇ ھامان كېپەن.
ۋىجدانغا، خۇداغا يۈزلەن مۇلايىم،
بۈگۈنلا ھەممىدىن ئەلادۇر ھامان.
بۈگۈن دىگەن بۇ ۋاقىت ئۇقۇمى ئىچىدە بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەتىنىڭ غۇۋا خام-خىياللىرى ئەمەس، نەق يانبېلىمىزدىكى ئېنىق ئىشلار. بىز ئاشۇ ئىشلارنى پۇختا بېجىرىش ئارقىلىق ئەتىگە قەدەم باسىمىز. ئەتىگە بۈگۈن ئېرىشىش، ئەتىنى بۈگۈن ئېنىق پەرەز قىلىپ يېتىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. توغرا، بىزگە غايە، خىيال، تەسەۋۋۇر كېرەك. لېكىن تۇرمۇش نۇقۇل ئەتە ھەققىدىكى خىيالغىلا تۇلۇپ، بۈگۈننىڭ نەق ئىشلىرى تاشلىنىپ قالسا، ئەتىمۇ شەك-شۆبھىسىزكى خام-خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
گود مۇنداق دېگەنىدى:‹بۈگۈننى، ھازىرنى چىڭ تۇتۇڭ، ھەربىر دەقىقىگە بولغان مەسئۇلىيەت بىباھا قىممەت يارىتالايدۇ›.
كاللىڭىزدا شۇنداق بىر ئۇقۇملا بولسۇن:‹بۈگۈننى تاللاڭ، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇڭ، مۇۋەپپەقىيەتكە شۇندىلا قەدەم باسالايسىز. بۈگۈننى قۇرۇق ، مەنىسىز ئۆتكۈزسىڭىز ئۇ ھەرگىز كەلمەيدۇ›.